باش بەت>>ئەدەبىيات
تەلەي ۋە پۇچۇق چىنە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-08 16:50:04

 

ئىلگىرى يەسلىلەر تازا مۇنتىزم بولمىغاچقا، بەزىدە ئېچىلىپ بەزىدە تاقىلىپ قالاتتى. شۇڭا ئاپام مېنى يەسلىگە بەرمەي، ھەر كۈنى چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ خىزمەتكە كېتەتتى. بىر كۈنى ئاپام خىزمەتتىن يېنىپ چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، مەن تاماق يەۋاتقان چىنىنىڭ پۇچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاچچىقى كېلىپ چوڭ ئاپامغا كايىپ كەتتى. شۇ چاغدا بۇنىڭغا بەكمۇ ھەيران قالغانىدىم. ئاپام قولۇمنى يېتىلەپ ئۆيگە قايتىپ كېتىۋېتىپ: ‹‹بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پۇچۇق چىنىدە تاماق يېمە، پۇچۇق چىنىدە تاماق يېسەڭ تەلىيىڭ قاچىدۇ›› دېدى. ئاپامنىڭ شۇ گېپى قۇلىقىمغا بەك ئورناپ كەتكەچكە، شۇنىڭدىن كېيىن پۇچۇق چىنىدە تاماق يېمەيدىغان بولدۇم. كېيىن ئەقلىمگە توشقاندا ‹‹پۇچۇق چىنىدە تاماق يېسە، تەلەي قاچىدۇ›› دەيدىغان قاراشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
   تۇرمۇشنى كۆزەتسەك، خەلقىمىزنىڭ مېھماندارچىلىق ئۇدۇمىدا ئۆيگە كەلگەن مېھمانغا پۇچۇق چىنىدە چاي قۇيۇش چەكلىنىدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدىكى بۇنداق ئادەت ھەرگىزمۇ: ‹‹مېھمانلارنىڭ تەلىيىنى قاچۇرماسلىق ئۈچۈن ›› بولماستىن، بەلكى مېھماننى ھۆرمەتلەش ئۈچۈندۇر. شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىلارغا ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرگەندە، خۇراپىي نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشكە ئادەتلىنىشىمىز لازىم. ئەگەر بالىلىرىمىزغا تۇرمۇشىمىزدىكى ھادىسىلەرنى ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرەلمىسەك، بالىلارنىڭ زېھنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ۋە بالىلارنىڭ ئەقىللىق ۋە زېرەك چوڭ بولۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھادىسىلەرنى بالىلىرىمىزغا ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم.
   پۇچۇق چىنىنى ئىشلىتىش – ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىنى ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرگەندە، كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشى، پوزىتسىيەسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن پۇچۇق چىنىنى ئىشلەتسە بولۇۋېرىدۇ. ئەمما ئادىمىگەرچىلىك نۇقتىسىدىن، شۇنداقلا گۈزەللىك نۇقتىسىدىن ئۇنى بەزى ۋاقىتلاردا ئىشلەتسەك، يامان تەسىر بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. ئالايلۇق: ئۆيگە مېھمان كەلگەندە پۇچۇق چىنىدە چاي قويساق، مېھمانغا بىھۆرمەتلىك قىلغان بولىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا پۇچۇق چىنىنى ئىشلەتسەك بولمايدۇ. ئەگەر پۇچۇق چىنىنى ئىشلىتىش – ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىنى ئىلمى نۇقتىدىن چۈشەندۈرمىسەك، ‹‹پۇچۇق چىنە ئىشلەتكەن كىشى تەلەيسىز بولۇپ قالىدۇ›› دېگەن قاراش بويىچە فىرانسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى بالزاك ئەڭ تەلەيسىز كىشى بولۇپ قالغان بولاتتى. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بالزاكنىڭ پۇچۇق چىنىدە قەھۋە ئىچىش ئادىتى بار ئىكەن. ئۇ ئادەتتە ئۆيىگە يېڭى چىنە ئالسىمۇ، ئۇنىڭ بىر بۇرجىكىنى چېقىۋېتىپ ئاندىن قەھۋە ئىچىدىكەن. ئۇ ھەتتا باشقا يەرگە بارسىمۇ، يېنىدىن پۇچۇق چىنىسىنى ئايرىمايدىكەن. بىر كۈنى بالزاكنىڭ بىر دوستى ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، ئۆيىگە كەپتۇ. بالزاك دوستىغا قەھۋە قۇيۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، بىرمۇ ساق چىنە تاپالماپتۇ. ئامالسىز دوستىغىمۇ پۇچۇق چىنىدە قەھۋە قۇيۇپتۇ. دوستى ھەيران بولۇپ: ‹‹قانداق قىلىپ پۇچۇق چىنىدە قەھۋە ئىچىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز؟›› دەپ سوراپتىكەن، بالزاك ‹‹ھاياتلىقنىڭ يۈزدە – يۈز كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كېتىشى، قىلغان ئىشلارنىڭمۇ يۈزدە – يۈز كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ھاياتلىقنىڭمۇ، قىلغان ئىشلارنىڭمۇ قىسمەن يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى بولىدۇ دېگەنلەرنى ئېسىمگە ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئۈچۈن، پۇچۇق چىنىدە قەھۋە ئىچىمەن، ئەسەر يازساممۇ، ئەسەر پۈتكەندىن كېيىن بۇ ئەسەردىمۇ يېتەرسىزلىك بار دەپ قاراپ، بۇ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلارش ئۈچۈن كېيىنكى ئەسەرنى باشلاپ كېتىمەن›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
   يۇقارقىلاردىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، پۇچۇق چىنىدە چاي ئىچىش – ئىچمەسلىك كىشلەرنىڭ تەلەيلىك بولۇش – بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئۇنىڭغا خۇددى بالزاكتەك ھاياتىمىزدىكى مۇھىم بىر ئەسكەرتمە قاتارىدا مۇئامىلە قىلساق، ئۇ بىزنىڭ كېيىنكى نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تۈرتكە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز پۇچۇق چىنە ئىشلەتسە، تەلەيسىز بولۇپ قالىدۇ دېگەنگە ئىشەنسەك، خۇراپىي يولغا كىرىپ قالىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھادىسىلەرگە ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق