باش بەت>>ئەدەبىيات
ئۇلۇغلارنىڭ ھاراقكەشلىك توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-14 18:09:48

 

 مەست ئادەمدىن ئەقىل، ھايا ۋە سەۋرى-تاقەت كېتىدۇ. مۇبادا، ئىنسان شۇلاردىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ ئادەمگەرچىلىكتىن چىقىپ كېتىدۇ.
    مەي قاچىسى ئىچىدە جىلۋىلىنىپ تۇرغان قوياش ئالدامچى قوياشتۇر، ئۇنىڭ ئاغزىڭغا پېتىشىدىن ئېھتىيات قىل.
    ئەقلدىن ئازدۇرغان ھەر قانداق ماددا، گەرچە ئۇ مەي بولمىسىمۇ، مەينىڭ يېقىن قېرىنداشلىرىدۇر.
    مەي ئۆز ئىچكۈچىلىرىنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ بىرىدۇ.
    ئەي مەي، ئۇلۇغ مەرتىۋىلەر بىناسى ۋە ئەقىل سارايلىرى سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن خارابىغا ئايلىنىدۇ.
    بىز ئۆز پايدا-زىيىنىمىزنى بىلمەيدىغان مەخلۇقلارمىز، گەرچە دۇنيادا مەيدىن باشقا لەززەت بېرىدىغان نېمەتلەر ئىنتايىن مولغۇ.
    مەيخور ھايات قەدىرىنى بىلگەن بولسىدى، مەينى دوستلىرىغا ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىگە ئىچكۈزگەن بولاتتى.
    مەي دوستلارنى رەنجىتىش، ئۇلار بىلەن جاڭجالىشىش، ھەمسۆھبەتلىرىگە زەربە بېرىش ۋە يېقىن ئادەملىرىدىن جۇدالىشىشقا سەۋەب بولىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق