باش بەت>>ئەدەبىيات
تەپەككۇر جەۋھەرلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-14 18:25:26

 

 1. يامان سۆز بىلەن بىر كىشىنىڭ نومۇسى ۋە شەرىپىگە داغ تەگكۈزۈپ يۈزىنى چۈشۈرسە، بۇ ئىش ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەندىنمۇ بەك ياماندۇر.
    2. قەلەم ئەھلىنىڭ ئادىل-ئىنسابلىق بولغىنى ھەممىدىن ئەلا. نىيەت قانچە ياخسى بولسا، ھەر قانداق ئادەم كامالەتكە يېتەلەيدۇ.
    3. قاچانكى بىزگە جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، مەنمەنچىلىك، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشسا، بىز شۇ كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا، خارۇ-زارلىققا قاراپ يۈزلىنىمىز.
    4. سەن ھەر ۋاقىت ئۆز ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا! چۈنكى ئۆز ئەقلىڭدىن باشقىسى ساڭا ئاقىل مەسلىھەت بېرىشى ناتايىن.
    5. بىز بۇ دۇنيادا ياشايدىكەنمىز، ئۇششاق گەپ-سۆزلەردىن قورقۇپ، ئادەم يوق، ئېگىز تاغ چوققىلىرىغا چىقىۋالساقمۇ ھامان ئۇششاق گەپتىن، زىددىيەتتىن مەڭگۈ خالى بولالمايمىز.
    6. ئالىيجاناب، مەرد، سەمىمىي ئادەمنىڭ گۈزەللىكى شۇ يەردە ئىپادىلىنىدۇكى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئەيب-نۇقسانلىرىنى ياپىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىدەك كۆرىدۇ.
    7. ئىچكى دۇنياسىنى ياخشى سۈپەت، گۈزەل خۇلق بىلەن زىننەتلىيەلمىگەن ئادەم، قانچىلىك ئېسىل كىيىملەرنى كىيىۋالغان بىلەنمۇ مەڭگۈ سالاپەتلىك بولالمايدۇ.
    8. بىر قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش بىلەن، بىر ئادەمنىڭ مەرد، ئالىيجانابلىقى ۋە مەرتىۋىسى ھەرگىز تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. بەلكى بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت، كېيىنكى قېتىملىق غەلىبىنىڭ ئاچقۇچى بولۇشى مۇمكىن.
    9. نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقەتتىن يىراق تۇرغاچقا، ئۇلار مەڭگۈ ھايات داۋانلىرىدىن ئاشالماي، مەڭگۈ ھەسرەت چېكىپ، بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
    10. توغرا يولدا ماڭغان كىشىنىڭ يول يۈرۈشى ۋە سۈر-ھەيۋىسى شىر- يولۋاستىنمۇ بەك ھەيۋەتلىك بولىدۇ.
    11. كەمتەر كىشى بىلىم ئىگىسىدۇر. بىلىمسىز كىشى ھەر ۋاقىت كەمتەرلىكتىن باش تارتىدۇ، بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن كەمتەرلىك بىلەن بىر ئادەمنىڭ يۈزى چۈشۈپ كەتكەن ئەمەس. بەلكى يۈز-ئابروي، مەرتىۋىسى تېخىمۇ ئۆسكەن.
    12. ئاجىز دۈشمەنگە رەھىم قىلما، چۈنكى ئۇ قۇدرەت تاپسىلا يەنە سېنى قەستلەيدۇ.
    13. دوستۇڭ بىلەن سۆزلەشسەڭ ئاستا سۆزلىگىن، قان ئىچەر دۈشمىنىڭ ئاڭلاپ قالمىسۇن.
    14. كىمكى كىچىك دۈشمەننى بەك تۆۋەن چاغلىسا، كىچىككىنە ئوتنى ئۆچۈرمەي، ئوت ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەنگە ئوخشاش بىر ئىش.
    15. كۆپ چاغلاردا سۆزدە ياخشى-يامان ھەممىسى ئېيتىلىدۇ. بۇ چاغدا دۈشمەننىڭ كۆزى ياماندىن باشقىنى كۆرمەيدۇ، قۇلىقىمۇ ياماندىن باشقا سۆزنى ھەرگىز ئاڭلىمايدۇ.


  

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق