باش بەت>>ئەدەبىيات
يەنە بىر قېتىم سىناپ باقاي
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-11 16:53:08

بىر ياش ئۆزىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن مىكروسوفىت شىركىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، ئەمما شىركەت خادىم قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان بەرمىگەن ئىكەن. باش دىرېكتورمۇ بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قاپتۇ، ئەمما يىگىت ئانچە راۋان بولمىغان ئىنگلىز تىلىدا ئۆزىنىڭ تاسادىپىي بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قارىسىغىلا كىرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ئىشتىن يېڭىلىق ھېس قىلغان باش دىرېكتور قائىدىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىپتۇ. ئاغزاكى سىناقنىڭ نەتىجىسى بولسا ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، يىگىتنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ھېچقانداق تەييارلىقىنىڭ يوقلۇقىنى باش دىرېكتورغا چۈشەندۈرۈپتۇ، باش دىرېكتور ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئۆزىگە چېكىنىش يولى ئىزدىگەنلىك دەپ قاراپ، ‹‹تەييارلىقىڭىز پۈتكەندە كېلىپ سىناپ بېقىڭ›› دەپتۇ.

بىر ھەپتىدىن كېيىن، يىگىت يەنە بىر قېتىم مىكروسوفىت شىركىتىگە ئاياغ باسقان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋۋالقىدەكلا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ. ئەمما تۇنجى قېتىمقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىپادىسى ياخشى بوپتۇ. ‹‹تەييارلىقىڭىز پۈتكەندە كېلىپ سىناپ بېقىڭ›› باش دىرېكتور ئاۋۋالقىغا ئوخشاشلا جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ يىگىت بەش قېتىم مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاتلاپتۇ ۋە ئاخىرى شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىنىپتۇ. مانا بۇ قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىكتىن ئىبارەت، خالاس. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ كىشىلىك ھايات سەپىرىمىزدىمۇ مۈشكۈلاتلار تولۇپ يېتىپتۇ؛ بىزنىڭ مەنزىلىمىز دائىم دېگۈدەك تاغدىنمۇ ئېغىر، سۇدىنمۇ چوڭقۇر بولۇپ، دەرەخلەرنىڭ بۈك–باراقسان بولغانلىقىنى كۆرەلمەسلىكىمىزمۇ مۇمكىن؛ يەنە بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىمىز ئېغىر، ئاقساق ھالەتتە بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ يەنە تېخى بىز بىر مەھەل قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرۈپ، ئاندىن يورۇقلۇقنى تاپالىشىمىز مۇمكىندۇ؛ ھەم يەنە بىزنىڭ يۈكسەك غايىمىز ۋاقتىنچە رېئاللىققا ئايلىنالماي قېلىشىمۇ مۇمكىن... ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن غەيرەتلىكلەرنىڭ روھىدىن ئىلھام ئېلىپ، قەتئىي ھەم ئۆزىمىزگە ئىشەنگەن ھالدا ‹‹يەنە بىر قېتىم سىناپ باقاي›› دەپ باقمايمىز! ‹‹يەنە بىر قېتىم›› سىناپ باقاي دېيەلىسەك، غەلىبە قىرغىقىغا يېقىنلىشىشىمىزدا ئۈمىد زور!

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق