باش بەت>>ئەدەبىيات
بەخت بىر خىل تۇيغۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-15 17:31:56

«بەخت بىر خىل تۇيغۇ» دېگەن كىتابتا 205 پارچە كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى ھېكايە شۇنداقلا ھېكايىنىڭ ئارقىسىدا پەيدا بولغان قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى تەسىرات ئارقىلىق، دانىشمەنلىككە تولغان نۇرغۇن ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە مەنتىقىي يول بىلەن ئومۇمىيلىقتىن خۇلاسە چىقارغان.

كىتابتىكى بىر ھېكايە ئادەمنى ئۆزىگە بەكلا جەلپ قىلىدۇ. ئۇ ھېكايىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆمرى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بىر باي بولۇپ، قىش كۈنى ئىللىق قۇياش نۇرىدا دېڭىز بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىۋېتىپ بىر بېلىقچىنىڭ ئاپتاپ سۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: «نېمىشقا بېلىق تۇتقىلى بارمىدىڭ؟ ئۇنداقتا سەن باي بولغاندىن كېيىن بېلىق تۇتمايسەن، بەخت دېگەن مۇشۇ يەردە ئاپتاپ سىنىشمۇ» دەپ سوراپتۇ. «مەن ئاپتاپ سۇنىۋاتمايمەنمۇ؟» دەپ ياندۇرۇپ سوراپتۇ بېلىقچى. باي بىر ھازىغىچە گەپ سۆز قىلماپتۇ. ھېكايە ئىنتايىن ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ھېكايىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە بىزنى تەسىرلەندۈرىدۇ: ھەركىمنىڭ بەخت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەم ئوخشاش بولمىغان ئۆلچىمى بولىدۇ. ئالتۇن تاۋاق، كۆمۈش قوشۇق، يىپەك كىيىم، ئېسىل غىزالاردىن بەختنى كۆرگىلى بولمايدۇ؛ يىرتىق(جۇلدۇر) چاپان، كونا ئاياق، يىرىك تاماق، گۆشسىز قورۇمىلاردىن بەختسىزلىكنى كۆرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بەختنىڭ يۇقىرى تۆۋەن مەرتىۋىسى بولمايدۇ، دەرىجىسىمۇ بولمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بەخت بىر خىل سىمۋول، بىر خىل تۇيغۇ، سىز ئۇنى ھېس قىلالىسىڭىز سىزنىڭ بولىدۇ. ئۆزىدە بارنىڭ ھەممىسىنى قەدىرلىگەنلەر دەل ئەڭ بەختلىك كىشىلەردۇر. ھەمدە، بەخت يەنە كېلىپ بەك ئاددىي بولىدۇ. ئۇ ھەرگىز بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەيدىغان نەرسە ئەمەس، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىزنىڭ يېنىمىزدىلا بولىدۇ، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىدە، ھەر بىر كىچىك ھېكايە ئىچىدە بولىدۇ.

ئەگەر قولغا كەلتۈرگەننى بىر خىل بەخت دېسەك، ئۇنداقتا، بەدەل تۆلەشمۇ بىر خىل بەخت. چۈنكى سىز بەدەل تۆلىگەن چاغدا باشقىلارنى خۇشال قىلىسىز. چۈنكى سىز خۇشال بولسىڭىز، مەنمۇ خۇشال بولىمەن-دە، بۇ بەخت ئەمەسمۇ؟ ئۆزئارا ئىززەت قىلىشىپ ياشاشمۇ بىر خىل بەخت دېيىلسە، ئۇنداقتا، بىر بىرى بىلەن دىۋىنىشىپ، ئۇنى-بۇنى تالىشىپ، غۇدۇراپ ئۆتۈشمۇ بىر خىل بەخت، ۋالاقلاش ئىچىدە كۆيۈنۈش، غۇدۇراش ئىچىدە بىر خىل ھەقىقىي ھېسسىيات بار ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا، بەخت كەم بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى بايقاش كەم بولىدۇ، خالاس. پەقەت سىز ئۇنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ھېس قىلالىسىڭىزلا، ئۇ ھەممىلا يەردە بار. (ئۇنىڭ يوق يېرى يوق)، پەقەت ئۇنى سېزەلىسىڭىزلا، سىز كىشىلىك ھاياتقا ئاكتىپ روھى ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلالىسىڭىزلا، نۇرغۇن ۋاقىتلار سىزنىڭ خۇشال بولغان ۋاقىتلىرىڭىز بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، بەختنىڭ بولۇش-بولماسلىقى تامامەن ئۆزىمىزگە باغلىق، ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارى، پەزىلىتى، پۇرسىتىگە نىسبەتەن ئوبيېكتىپ تونۇشتا بولساق، ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى تېگىشلىك ئورنىمىزنى تاپالايمىز، بىر ئۆلۈش يەڭگىلتەكلىكنىڭ كەم بولغانلىقى بىر ئۆلۈش تىنچلىقنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەمەسمۇ؟ دوستلار، كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى ھېكايىلەرگە چىن قەلبىمىزدىن قۇلاق سالساقلا، كىشىلىك ھاياتنىڭ چىنلىقى ۋە گۈزەللىكىنى بايقىيالايمىز، سۆيگۈ، مېھىرگە تولغان قەلب بىلەن دۇنيانى بايقىساق، تولۇپ-تاشقان ئىشەنچىگە تولغان دۇنيانى كۆرەلەيمىز. بىز قەلبىمىزنىڭ ئەڭ پىنھان جايىدا بەختنى ھېس قىلايلىچۇ، بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا، مۇشۇ پەيتتىلا.

ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق