باش بەت>>ئەدەبىيات
مەھەللەڭگە يەنە بىر رەت بارايمۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-15 17:32:09

 

تۇرسۇنگۈل ئەمەت

 

مېنى كۆرسەڭ ئوت ئالىدۇ يۈزلىرىڭ،

شۇ ھالىتىڭ كۆيدۈرىدۇ، ئامرىقىم.

ئوڭۇمدىمۇ، چۈشۈمدىمۇ بار ئۆزۈڭ،

سەنمۇ مەندەك كۆيەرسەنمۇ ئامرىقىم.

 

ئايدىڭ كەچتە ئايغا قاراپ ئولتۇرۇپ،

خىيالىمدا سىردىشىمەن سەن بىلەن.

ساڭا رەڭدار گۈللەر ئۈزۈپ بېرىمەن،

چۈشلىرىمدە سەيلە قىلساڭ مەن بىلەن.

 

سەنمۇ شۇ تاپ يالغۇز يېتىپ ھۇجراڭدا،

ئۇخلىيالماي مېنى ئەسكە ئالدىڭمۇ؟

ساڭا تونۇش شۇ ناخشامنى توۋلىغاچ،

مەھەللەڭگە يەنە بىر رەت بارايمۇ؟


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق