باش بەت>>ئەدەبىيات
پىنھاندىكى تۇيغۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-15 17:39:44

 

تۇرسۇنگۈل ئەمەت

 

يامغۇرغا چېلىشىپ تۇردۇم خىيالەن،

تاپاي دەپ كۆڭلۈمگە بىردەملىك تەسكىن.

كەچمىشلەر باغرىغا باغلانغىنىمچە،

ئۇنتۇيمەن دەپ تۇرۇپ ئەسلىدىم لېكىن.

 

باسسىمۇ ئادەمنى تاتلىق ئازابلار،

يەنىلا ئىزدەركىن سۆيۈملۈك جاۋاب.

چۈشكۈنلۈك ئىلكىدە تۇرغانچە قانچە،

باراركەن بىر خىرە ئۈمىدمۇ تاراپ.

 

ھاياتلىق بار ئىكەن، مۇھەببەت ھەم بار،

مۇھەببەت بار ئىكەن، ئازابمۇ ھەم بار.

كۈتۈشنى ھەمراھ قىپ، چىن ئەقىدەمگە،

يۈرەكتىن سۆيۈپمۇ سۆيەلمىگەن بار.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق