باش بەت>>ئەدەبىيات
لەۋلىرىڭدە گۈللەر باراقسان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-15 17:46:37

 

ئەھمەد يۈسۈپ سەردارى

 

مىڭبىر كېچە كۆيۈپ تۈگىدى،

چاچلىرىڭدىن چۈشۈپ بولالماي.

كىرپىكىڭدە يۇلتۇزلار ۋەيران،

قاشلىرىڭدا ئۇخلاپ قالدى ئاي.

 

لەۋلىرىڭدە گۈللەر باراقسان،

ئۇسسۇماقتا كۆڭسۈڭدە چۆللەر.

تەبەسسۇمىڭ سۇنماقتا چۇل-چۇل،

ئارىمىزدا تولغىنار سۆزلەر.

 

ئېھ، بىغۇبار سۆيگۈ لەرزىدە،

تۇرماقتىمىز قارىشىپ ئۇزاق.

مەن ئۆزۈمگە قايتقاندا دىلبەر،

كىرىپ بوپتۇ چاچلىرىمغا ئاق!

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق