باش بەت>>ئەدەبىيات
سەن تۇغۇلغان ھېلىقى كۈنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-15 17:50:29

 

ئەھمەد يۈسۈپ سەردارى

 

ئاۋازىڭدىن ئويغاندى ھايات،

مىڭبىر كېچە ئولتۇردى سۆزدە.

ئىچىڭدىكى ئىشىكنى ئاچتىڭ،

نازغىماقتا سەھەر كۆزۈڭدە.

 

ئەتىرگۈلسەن ئاپئاق ئېچىلغان،

غەملىرىڭگە جانلار تەسەددۇق.

ئۇۋىسىدىن چىقتى كۆك كەپتەر،

پاتتى دىلغا گۈزەل بىر پاي ئوق!

 

ئۇسساپ ياتقان چۆل مەن، دەرەخ مەن...

رىۋايەت سەن كېچىدىن چىققان!

سەن تۇغۇلغان ھېلىقى كۈنى،

تۇپراق كۈلۈپ، يىغلىغان ئاسمان!

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق