باش بەت>>ئەدەبىيات
دوستلۇق ۋە مۇھەببەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-17 11:02:03

 

دوستلۇق ۋە مۇھەببەت

دوستلۇق ھاياتتىكى بىباھا بايلىق، ھەرقانداق ئىنسان ھاياتنىڭ راھەت - پاراغەتتە ئۆتىشى ياكى نامرات ئۆتىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۆز ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۇزىشىنى خالىمايدۇ.سۆيگۇ ـ مۇھەببەت ھەرقانداق نورمال ئادەم قىزقىدىغان ھەم كۆڭۇل بۆلىدىغان تىما. ئۇ گويا تۇزغا ئوخشاش، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. دوستلۇق بىلەن سۆيگۇ ـ مۇھەببەت ھەم بىرلىككە كەلگەن، ھەم مۇئەييەن پەرىققە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ قىزقارلىق پەرىقلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا قىزقامسىز؟ ئۇلار مۇنۇلار:

دوستلۇق ئاشكارە، سۆيگۇ ـ مۇھەببەت يوشۇرۇن بولىدۇ؛ سۆيگۇ ـ مۇھەببەتنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى پەيدا بولغاندا يوشۇرغىلى، يوقالغاندا بار قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.

دوستلۇق ـ باراۋەرلىك ئاساسىدا، سۆيگۇ ـ مۇھەببەت ـ ھېسىيات ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ.

سۆيگۇ ـ مۇھەببەت ـ دوستلۇقتىن قۇدرەتلىك، ئەمما ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىللىرى ئاۋاسسىز ياڭرايدۇ؛دوستلۇق ـ سۆيگۇ ـ مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ.چۇنكى،سۆيگۇ ـ مۇھەببەت قەسىرى غۇلاپ چۇشكەندە،قەلىب جاراھىتىگە دوستلۇق ئەڭ ياخشى مەلھەم بولالايدۇ.

دوستلۇق سان جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەمما سۆيگۇ ـ مۇھەببەت سەخسىيەتچى كىلىدۇ، ئۇ بىرلا كىشىگە تەئۇللۇق بولىدۇ.

دوستلۇق سۆز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلدۇ،سۆيگۇ ـ مۇھەببەتتە بولسا،كۆزمۇ بەزىدە سۆز نىڭ ئورنىنى باسالايدۇ.

دوستلۇقتا ئادەمنىڭ ئەقلى ئېچىلىدۇ، سۆيگۇ ـ مۇھەببەتتە بولسا زېھنى چېچىلىدۇ؛سۆيگۇ ـ مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىكى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلەنسە،دوستلۇقتىن كەڭ قورساقلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

دوستلۇق ـ سۆيگۇ ـ مۇھەببەتتىن چوڭ،چۇنكى سۆيگۇ ـ مۇھەببەتسىزمۇ دوستلۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ۋاھالەنكى،دوستلۇقسىز سۆيگۇ ـ مۇھەببەت بولمايدۇ.

دوستلۇق ـ مۇھەببەتتىن يىنىك بولىدۇ، يەنى دوستلار ئەپۇ سوراش، كۆڭۇل قويۇش بىلەن ئاداۋەتنى تۈگتەلەيدۇ،بىراق مۇھەببەتتە ئۇنداق بولىشى ناتايىن.

سۆيگۇ ـ مۇھەببەت ـ دوستلۇقتىن نازۇك بولىدۇ. بەزى ئىشلارنى سۆز بىلەن چۈشەندۇرسەكمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. يەنى ئالتۇن بىرىپ ئىلىپ بولماس، قالغان كۆڭۇلنى .

دوستلۇق يولىغا قارىغاندا،سۆيگۇ ـ مۇھەببەت يولى ئەگرى ـ توقاي بولىدۇ. دوستلۇقتا كۈندەشلىك بولمايدۇ، ۋاھالەنكى; كۈندەشلىك  ـ سۆيگۇ ـ مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى ۋە كۇشەندىسىدۇر.

مىجەز ـ خارەكتىرى ئانچە چىقىشالمايدىغانلارمۇ ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ، ئەمما، ئۇنداقلارنىڭ ياخشى مۇھەببەت لەردىن بولالىشى ناتايىن.

جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى.



ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق