باش بەت>>ئەدەبىيات
ئۇچرىشىش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-12 11:22:04

 

مۇختار داۋۇت ئۆزيول

 

قەلبىمنىڭ ئىشىكى تۇرار ئېچىلىپ،

تۈگىمەس چىغىر يول ئۇندا بىپايان.

سەمىمىي ھاياجان بارىدۇ ئۇزاپ،

سۆيۈشەر بۇ جايدا يەر بىلەن ئاسمان.

 

شاماللار ئاشىقلىق قىسسەسى سۆزلەر،

تۇتاشقان باغرىڭغا ئاشۇ چېغىر يول.

خەنجەرنىڭ بىسىدا يالتىرار سۆيگۈ،

تىغ ئۇرار يۈرەككە تىنىمسىز بىر قول.

 

ئۆزىنى تالاي رەت قىلىدۇ تۇتقۇن،

سەن ئۈچۈن ھىجراننى يۈدىگەن يوللار.

ئويىدۇ نەقىشلەپ قىسمەتلىرىڭنى،

ئۇچرىشىش پەيتىگە سوزۇلغان قوللار.

 

دەرد ئەسلىي ئورتاقتۇر ھەممە يۈرەككە،

سۆيگۈدە چوقۇمكى ئىمكانلار تولۇق.

ئاشىقلىق ئەڭ ئۇلۇغ ئەزگۈ بەدەلدۇر،

بۇ يولدا مەن ئۈچۈن بىر ئىشىك ئوچۇق.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق