باش بەت>>ئەدەبىيات
سېنىڭدىن ئىزدەيمەن شائىرلىقىمنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-12 11:51:25

 

راھىلە توختى خەندان

 

قارىغايغا سۆزلەيمەن سۇباتلىقىڭنى،

بەھەيۋەت سېمادا كۆرۈنگەندە سەن.

يۈرىكىڭگە باغلايمەن يۈرىكىمنى،

سەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك شائىرىڭمۇ مەن.

 

توغراققا سۆزلەيمەن قەلب سىرىمنى،

توغراقتەك چىداملىق مېنىڭ يارىم دەپ.

سېنىڭدەك چۈشەنمەس ھېچكىممۇ مېنى،

ھەر يىلى باھاردا كەلسەم چېچەكلەپ.

 

قارىغايغا سۆزلەيمەن مەزمۇتلۇقۇڭنى،

سېنىڭدىن ئىزدەيمەن شائىرلىقىمنى.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق