باش بەت>>ئەدەبىيات
بىر ئايال
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-12 11:59:16

 

مۇختار داۋۇت ئۆزيول

 

بىر ئايال ئولتۇرار خىياللىرىمدا،

كىم ئۈچۈن يېشىندى تۇرار يالىڭاچ.

نەقەددەر قۇرغاقتۇر ئۇنىڭ ئېتىزى،

بۇ تەنھا ئارالدا ئۆزىلا بولغاچ.

 

شاماللار غىدىقلار ئۇنىڭ تېنىنى،

ئەڭ نازۇك تۇيغۇدا سۆيۈپ-ئەركىلەپ.

نەقەددەر ئازابلىق تا شۇ كەمگىچە،

باقمىدى بىرەر ئەر ئۇنى پەپىلەپ.

 

بىر غالجىر ھەم شېرىن ئەسەبىي ھىجران،

چېچەكلەر ھەر كۈنى تۈندىن تاڭغىچە.

تەنھالىق قوينىدا بولسۇن نە پۇراق،

ئازابى بار ئۇنىڭ يېتىپ ئاشقۇچە.

 

ھەر كۈنى سەھەردە پورەكلىگەن گۈل

يالغۇزلۇق ۋەجىدىن بارىدۇ توزۇپ.

ۋىسالنىڭ جامىدىن ئۈزۈلمەس ئۈمىد،

بۇ قىسمەت كەلمەكتە ھىجراننى سوزۇپ.

 

يەنىلا تۇيغۇمنى تۇرار قاماللاپ،

بىر ئايال، زادىلا ناتونۇش ئايال.

بىلسەم بۇ ياشلىقتىن قالغان قاغجىراش،

ھەممىنى شۇ ئايال قىلىدۇ قامال!

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق