باش بەت>>ئەدەبىيات
ئۆتۈنۈش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-12 12:07:48

 

ئەكبەر نىياز پەتتارى

 

رەنجىشىڭدىن تائەبەت بىر چەتتە قالدۇر يار مېنى!

بەك زۇلۇم مەھرۇم بولۇش، نۇسرەتتە قالدۇر يار مېنى!

 

ئىختىيارنىڭ تىزگىنى ئەسلىي-ئەزەلدىن مەندە يوق،

ئەڭ ئوسال دەملەردىمۇ پۇرسەتتە قالدۇر يار مېنى!

 

ساقلىسام گۈل تۈۋىدە ياق ئۇرمىغىن نەشتەر يەنە،

چاڭقىشىم پەللىسىدە شەربەتتە قالدۇر يار مېنى!

 

ئالدىراپ بەرسە باھا دوستلار ئاڭا چىن پۈتمىگىن،

ھۆرمىتىم چەكسىز ساڭا، ھۆرمەتتە قالدۇر يار مېنى!

 

لەيلىدەك يارى تۇرۇپ باشقىغا باققايمۇ كۆڭۈل؟

بەدنىيەتلەر قەستىدىن خىلۋەتتە قالدۇر يار مېنى!

 

ئەنسىرەش بىرلە گۇمان ئاھ، سالمىسۇن دىلغا ئۇۋا،

خۇددى تاڭلاردەك سۈزۈك، ئاق بەتتە قالدۇر يار مېنى!

 

تۇنجى يار سۆيگۈسىگە قانماق نىيازىڭ ئىستىكى،

بۇ خىيالىم بولسىمۇ ئىشرەتتە قالدۇر يار مېنى!


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق