باش بەت>>ئەدەبىيات
نەدە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-12 11:48:50

 

تۇرغۇن جالالىدىن

 

ھىجىرنىڭ دەھشىتى كۆچمەي دىلىڭغا ئۇز نىگار نەدە؟

باھارنىڭ ئاپتىپى كۆيمەي چېچەكلىك ئۆز شىكار نەدە؟

 

ئېچىرقاش جابدۇغان كۆكلەم ۋىسالنىڭ بايرىمى شەكسىز،

سۈزۈكلۈك تاپمىسا رىشتە ئەجەم ئەۋجىگە تار نەدە؟

 

ئەزەلنىڭ قەيتىدە ئىزھار ئوشاقنى تاۋلىغان سەۋدا،

تاماشا بىلمەيىن دەردنى ئۈمىدكە قەد-چىنار نەدە؟

 

چاراقلار تۈن بېزەكىگە بولۇپ ئۆرنەك ھىلال، ئەختەر،

بىرە مەقبۇل قۇچاقىغا لاۋا چاچقان قارار نەدە؟

 

پورەكنىڭ ۋەسلىدە لەززەت سەھەردە دىلغا ئۈندەيدۇ،

نىگارنىڭ تىۋىشى سىڭگەن ئۈپۈك ئەركى خۇمار نەدە؟


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق