باش بەت>>ئەدەبىيات
رۇبائىيلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-12 11:53:47

 

ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش

 

1

ساپالغا ھەل بەرسەڭ ساپالدۇر ساپال،

مېنىڭ ھۈنەر ئىشلەتسەڭ ئۆزگەرمەس بۇ ھال.

كېپىنەك يۈرسىمۇ ھەر كۈن گۈلزاردا،

ئاددىي شۇ ھەرىدەك بەرمەس ھەسەل-بال.

 

2

ئۆمۈر بىر خەزىنە ساڭا ئامانەت،

قەدىرلە، ئايىغىن قىلما خىيانەت.

ئەرزىمەس ئىش بىلەن خورىسا ئۆمرۈڭ،

نېمە دەر ئۆلگەندە سېنى جامائەت.

 

3

بولسىمۇ رەڭبازدا قانچە «ئىقتىدار»،

تاپىدۇ بىر مەزگىل ئىشىدا بازار.

ئۇزاققا بارماستىن كۆرگەن شادلىقى،

بېشىغا لەنەتتىن تاش بولۇپ ياغار.

 

4

يامانلار بىراۋنى غاجاپ ياشايدۇ،

كىشىنىڭ كەينىدىن قاۋاپ ياشايدۇ.

ئۇنداقلار پەيلىدىن يۈرمە ئەنسىرەپ،

نەپ بەرسەڭ پۇتۇڭنى يالاپ ياشايدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق