باش بەت>>ئەدەبىيات
مەندەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-12 12:20:02

 

چوپانى

 

ساباھتىن ئاڭلىسام يارىم غېرىب-بىگانىمىش مەندەك،

جۇنۇن سەھراسىدا غەمناك، يېتىم، بىچارىمىش مەندەك.

 

پەقەتلا يوق ئىمىش ئالتۇن-كۈمۈشكە ھاجىتى ئەمما،

مۇھەببەتنىڭ بازارىدا گويا دىۋانىمىش مەندەك.

 

ئىشىق غوۋغالىرى زۇلمەت شەبىستان كەيپىنى بۇزغاچ،

بىدەردلەر ئاغزىدا تەلۋە، پوكۇن-پۇستانىمىش مەندەك.

 

چوپانى، سەنمۇ روھىڭنى نىگارىم روھىدا باققىن،

ۋىسالنىڭ كويىدا ھەر ئان گويا پەرۋانىمىش مەندەك.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق