ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ پىلانىدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-31 14:58

 

ئارمىيە بايرىقى لەپىلدەپ، ھەربىي مارش ياڭرىماقتا

1927-يىلى 1-ئاۋغۇست نەنچاڭ شەھەر سېپىلىدا ياڭرىغان ئوق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، يېڭىچە خەلق ئارمىيەسى نەچچە مىڭ يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا زېمىنىدا بارلىققا كەلدى.

93 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇرچىنى ئادا قىلدى، ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى قەتئىي ئاڭلاش

پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى-خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى.

رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا مەنىلىك قىلىپ: «پارتىيەنىڭ مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشى−خەلق ئارمىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇ پارتىيەمىز قانلىق كۈرەش داۋامىدا ئېرىشكەن يىمىرىلمەس ھەقىقەت، دەپ كۆرسەتتى. 

شىمالىي جۇڭگو چېگراسىدىن ۋۇلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىغىچە، چۆل-باياۋاندىن شەرقىي دېڭىز ساھىلىغىچە، مەيلى قەيەرگە بارسۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەشنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، قايتا-قايتا تاپىلىدى. 

ئارمىيە قۇرۇلغان 93 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە بىلەن بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىردەك ئىلگىرىلىدى، مەيلى قانداق خەۋپ- خەتەر، ئازدۇرۇش ۋە كاشىلىغا دۇچ كەلسۇن، قەتئىي ئىرادىسىدىن قايتماي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇتلەق ساداقىتىنى نامايان قىلدى. 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچىنى ئادا قىلدى. 24-يانۋار چاغان ھارپا كېچىسىدىن باشلاپ، ئارمىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈمدە جەمئىي 4000 دىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، ئالدىنقى سەپ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت قىسمى، 1-سەپتىكى تېببىي خادىملاردىن ئىبارەت ياردەم كۈچى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق جېڭى، ئومۇمىي جېڭى، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

7-ئايدىن بۇيان، قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ھۆلچىلىك، تاغ كەلكۈنى قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەلق ئارمىيەسى چاقىرغان ھامان كېلىپ، تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ياردەم بەردى. تېزلىكتە توسمىلارنى ئېتىپ، توسما-دامبىلارنى قوغداپ، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ۋە چارلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى. 

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مۇھىمى ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش

«خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ جەڭگىۋار قوشۇن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچى جەڭگىۋارلىقتا». بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەپ چىقارغان ئىلمىي يەكۈنى. 

ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئارمىيەگە قويغان تۈپ تەلىپى، ئارمىيەنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، ئارمىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ قىممىتى. 

يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ: ئەمەلىي جەڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، قىسىمنى جاپادا، قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇپ، جەڭنى قانداق قىلسا، ئەسكەرلەرنى شۇنداق مەشىقلەندۈرۈش، جەڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنى جاپالىق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى. 

چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش كېرەك.

رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئەمەلىي جەڭنى ھەربىي مەشىققە سىڭدۈرۈشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئۇرۇش پاراخوتىدا پالۇبىغا چىقىپ، بۆلمىگە كىرىپ، ئۇرۇش ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ مەشىق ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ زىمىستاندىكى چۆللۈكتە، رەئىس شى جىنپىڭ قاتتىق سوغۇققا قارىماي، شامالغا قارشى مېڭىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم تەجرىبە، مەشىق بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ ئىس-تۈتەكلەر تارقالمىغان مانېۋىر مەيدانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىرونېۋىك قوماندانلىق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، جابدۇقلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەپسىلىي سورىدى... 

بۇيرۇقلار كەسكىن، بۇرچ ئېغىر، بۇرغا چاقىرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەمەلىي جەڭ تۈسىنى ئالغان ھەربىي مەشىق دولقۇنى پۈتۈن ئارمىيەدە داۋاملىق ئەۋج ئالدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ «ھالقىش»، «ئوت كۈچى»، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ھەرىكەتچان»، «كۆك كىت»، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «ئالتۇن دۇبۇلغا»، «ئالتۇن ئۇچار خەنجەر»، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ «شەمشەر» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مانېۋىرلىرىنىڭ قارشىلىشىش خاراكتېرى يىلدىن- يىلغا كۈچىيىپ، ئوق-دورا پۇرىقى يىلدىن-يىلغا  ئېشىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەمەلىي جەڭ، ئەمەلىي مەشىقنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى. 

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسى ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش

قانۇن-تۈزۈم بولمىسا ئارمىيە بولمايدۇ، قانۇن قاتتىق بولمىسا سۈرى بولمايدۇ. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تارىخنىڭ چاقىرىقى، دەۋرنىڭ تاللىشى، زامانىۋى ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى.

2012-يىلى 12-ئايدا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم ئاساسىي قاتلامدىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق ئارمىيەسى ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېزلىتىپ، قانۇنچىل ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. 

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ تارىخ ۋە دەۋرنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ، تاشقا مۆھۈر باسقۇدەك جاسارەت، تۆمۈرنى تۇتسا ئىز قالدۇرغۇدەك قەتئىيلىك، تامچە سۇ تاشنى تېشىدىغان، تۆمۈرنى يىڭنە قىلىدىغان ئېگىلمەس-سۇنماس جاسارەت، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان شىجائەت بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالىدى. 

قايتا جانلانغان خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى ساپلىشىپ، ئىستىل ئوبرازى قايتىدىن تىكلىنىپ، ئەنئەنىۋى خىسلىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئارمىيە ئىرادىسى، جەڭگىۋارلىقى مۇجەسسەملىنىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ قاينام-تاشقىنلىق يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. 

ئۇزۇن مۇساپىدە ئەسلى مەقسەتتىن يانماسلىق كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭغاندىلا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا چوقۇم يەتكىلى بولىدۇ!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ پىلانىدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى

ئارمىيە بايرىقى لەپىلدەپ، ھەربىي مارش ياڭرىماقتا