ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە ئېھتىرام

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:17

 

ئىستانسىمىز «بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە ئېھتىرام» دېگەن ئوبزورنى ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسكىن تەدبىر قوللاندى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كەسكىن كۈرىشى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى بەرداشلىق بەردى، ۋەتىنىمىز بىخەتەر بولدى، قەھرىمانلار ئۇنتۇلمايدۇ!

مۇشۇ پەيتتە، بىز قەھرىمان ئاق خالاتلىق زەربىدارلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! دەل مۇشۇ قەھرىمانلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خەلقنىڭ ھاياتلىق، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ داۋالاش، سەھىيە مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى!

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە ئېھتىرام

مۇشۇ پەيتتە، بىز قەھرىمان ئاق خالاتلىق زەربىدارلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! دەل مۇشۇ قەھرىمانلار