ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىئەن شەھىرى ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-04 16:52

 

 

شىئەن شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈردى

بۇ يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەنشىنىڭ يېڭى دەۋردە يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. شىئەن شەھىرى ئاكتىپ ئىشلەپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، شەھەرلەرنى «ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ»، ئىقتىسادنى «جانلاندۇرۇپ»، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شەنشى شامالدۇرغۇچ (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى لىنتۇڭ سانائەت رايونىنىڭ ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش سېخىدا، 10 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمدىكى زاۋۇت ئۆيى ئىچىدە، تۆت-بەش قەۋەت ئېگىزلىكتىكى بەش ماشىنا ئۇياق بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

باش قۇراشتۇرۇش سېخى ئىسلېسار مەشغۇلات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جوۋ شىمېڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىر دانە نىترات تۆت بىرىكمىسى گېنېراتور گۇرۇپپىسىنى ئورنىتىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەھسۇلاتنىڭ بازاردا سېتىلىشى ياخشى، شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، توختامغا ئەمەل قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ھازىر سېختىكىلەر كېچە كۈندۈز نۆۋەتلىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئادەملەر توختاپ قالسىمۇ ماشىنىنى توختاتمايمىز.

مەزكۇر گۇرۇھنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باش نازارەتچىسى شۈ شياۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شەنشى شامالدۇرغۇچ گۇرۇھىنىڭ مال زاكاز سوممىسى 26 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 ھەسسە ئاشتى. تىجارەت كىرىمى قاتارلىق ئاساسلىق تىجارەت كۆرسەتكۈچلىرى ئىككى خانىدىن ئارتۇق ئاشتى. «تەتۈر ئېشىش» نەتىجىسىنىڭ ئارقىسىدا، شەنشى شامالدۇرغۇچ گۇرۇھىنىڭ ئۆزىگە خاس سىرى بار. شەنشى شامالدۇرغۇچ گۇرۇھىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى، شىئەن شەھىرىنىڭ سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر بەرپا قىلىشىنىڭ كارتىنىسى، بولۇپمۇ ئىلغار ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىئەن شەھىرى 77 سانائەت تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇنىڭغا جەمئىي 63 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالدىنقى ئىككى يىلدا سېلىنغان مەبلەغمۇ كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىغاچقا، بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يۇقۇم مەزگىلىدە ئۈنۈم بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

شىئەن شەھىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى %6.2، مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ %12.8 ئاشتى، بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 15 مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر بويىچە  بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. «ئۈچ بىرىنچى» شىئەن شەھىرىنىڭ كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەدرىجىي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.

شىئەن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مەمۇرىيەت زالىنىڭ ئىش بېجىرىش كۆزنىكى ئالدىدا، شىئەن شەھىرى ئاھالىسى ليۇ خانىم رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى سۇنۇۋاتاتتى، خىزمەتچى خادىملار ليۇ خانىمنىڭ جەدۋەل تولدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. ليۇ خانىم جەدۋەل توشقۇزۇش، تەستىقلىتىش، مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈش، رويخەتكە ئېلىش قاتارلىقلارنى يەتتە سائەت ئىچىدە بېجىرىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالالايدۇ.

شىئەن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن چوڭ-كىچىك يۈزدىن ئارتۇق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يېڭى كارخانا بارلىققا كېلىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ كۆزلىگىنى شىئەن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى، ئەلالاشقان سودا مۇھىتى ۋە ئېتىبارلىق سىياسىتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىئەن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 114 مىليارد 362 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشتى. كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر شىئەن ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا «پەن-تېخنىكا قۇۋۋىتى» قوشتى. شىئەن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو شياۋخۇي مۇنداق دېدى: يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن چارىلەرنى ئويلاپ تاپتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى شىئەن شەھىرىنى ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلاندۇردى، ئىقتىسادنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئىشىك بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىئەن شەھىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشتى، «چاڭئەن بەلگىلىك» جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۇقۇم مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدىكى «ئالتۇن كۆۋرۈك» كە ئايلاندى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار. ھازىر شىئەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان شىئەننىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق.

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىئەن شەھىرى ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈردى

بۇ يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە