ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئاڭسانسۇكىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 16:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئاڭسانسۇكىغا خەت ئەۋەتىپ، ئۇ رەھبەرلىكىدىكى بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: يېقىندا بېرمىدا ئوڭۇشلۇق سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، سىز رەھبەرلىكىڭىزدىكى بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشاللىق بىلەن خەۋەر تاپتىم، سىز ۋە بېرما خەلقىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقى چوقۇم دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېرما تاغ-دەريالىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان، قېرىنداشلىق ھېسسىياتى چوڭقۇر ياخشى قوشنىلار. بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. يىل بېشىدا مەن بېرمىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز جۇڭگو-بېرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلۇپ، جۇڭگو-بېرما مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتۇق. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، بىز ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىمىزنى قوللاپ، ھەمدەمدە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روھىنى نامايەن قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقى قويۇق دوستلۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن رەئىس خانىم بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە جۇڭگو-بېرما ئىقتىساد كارىدورى رامكىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرانىڭ تىنچلىقى، ئەمىنلىكىنى ياخشى قوغداپ، جۇڭگو-بېرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدىن مول نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئاڭسانسۇكىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئاڭسانسۇكىغا خەت ئەۋەتىپ، ئۇ رەھبەرلىكىدىكى بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.