ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 10:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-يانۋار ھىندونېزىيە سۇلاۋىگايا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يېقىندا ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن چۆچۈدۈم، بىز ھىندونېزىيەنىڭ دوست قوشنىسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى