ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ كىم جۇڭئۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 10:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار كىم جۇڭئۇنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا يولداش كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىدىن خۇشاللىق بىلەن خەۋەر تاپتىم، مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ۋە ئۆز نامىمدىن يولداش باش شۇجى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى، بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش باش شۇجىنىڭ يەنە بىر قېتىم چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىكىگە كۆرسىتىلىشى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ يولداش باش شۇجىغا بولغان ئىشەنچى، ئۇنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تاغ-دەريالىرى تۇتىشىدىغان سوتسىيالىستىك دوست قوشنىلار. جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان ۋەزىيەتتە، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

يولداش باش شۇجىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ كىم جۇڭئۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى