ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ كۆرسەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ-«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي يۆتكىلىشى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش-يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى. شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ياردىمىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش بىخەتەرلىك تورىنى تېخىمۇ زىچ توقۇش ئۈچۈن، جياڭسۇ ئۆلكىسى 2020-يىلى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى ھەم «ئوخشاش شەھەردە ئوخشاش ئۆلچەم بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرى تور قۇرۇلۇشى، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش، قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن تۇتۇش قېلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە شەھەر بويىچە 20 ئائىلىلىكتىن يۇقىرى 4974 تەبىئىي كەنتكە ئوپتىك تالا ئۇلاش ۋە G4 تورى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزا-كەنتلەرگە قارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈردى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، گۈيجۇ ئۆلكىسى يېزا تاشيولىغا جەمئىي 126 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، غەربىي رايوندا تۇنجى بولۇپ ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرى راۋان بولۇش نىسبىتى، يولۇچى توشۇش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدى.

جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان ئورۇنغا جايلاشقان «جيۇۋاڭ يېڭى شەھەرچىسى» تۈرى جىددىي قۇرۇلماقتا، بۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە نەنچاڭ شەھىرى خۇڭگۇتەن رايونى جيۇلۇڭخۇ بۆلەك رايونى بىلەن قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئارا راۋانلاشتۇرۇش، شەھەر فۇنكسىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ئۆزئارا تولۇقلاش، ئېكولوگىيە كارىدورى يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تورلاشتۇرۇش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى تەڭ قۇرۇش، ھەمبەھىرلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرى تاڭ رېنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىدىن باراۋەر بەھرىلەندۈرۈش؛ ناھىيەلەرنى شەھەر-يېزا يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يەر، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا تېزدىن تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ـ يېزا ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ كۆرسەتتى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك،