ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

【شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە】فوشەن شەھىرى ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 16:31

【شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە】فوشەن شەھىرى ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلۇق يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، پۇختىلاش، سەرخىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مەملىكەت بويىچە ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان فوشەن شەھىرى، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانائەت ماشىنا ئادىمى قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپىنى تېز ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

يەككە لىنىيەدە ھەر 6.7 سېكۇنتتا بىر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق گەۋدىسىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ كونترول قىلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەپىسلىك دەرىجىسى 0.1 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. شۈندېدىكى ئەنئەنىۋى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ياساش كارخانىسى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كەسىپ ئىچىدە نۇرغۇن بىرىنچىلىكلەرنى ياراتتى.

2020-يىلى فوشەننىڭ شۈندې دېگەن يېرىدىلا 600 دىن ئارتۇق كارخانا 30 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ مۇشۇنداق رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مېيدى، شىنباۋ قاتارلىق كۇزۇر كارخانىلار يېتەكچىلىك قىلغان، تۆۋەن ئېقىندىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قاپلىغان رەقەملىك كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، جانلىق تەمىنات سىستېمىسى بازاردا بارلىققا كەلگەن يېڭى ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى. 2020-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا، شۈندېدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىلىرى ياراتقان مەھسۇلات قىممىتى 278 مىليارد 995 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%12.7 ئاشتى.

ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشى-فوشەننىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىش؛ جىخۇا تەجرىبىخانىسى قاتارلىق نۇقتىلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى.

نۆۋەتتە فوشەن شەھىرىدە «مەخسۇس، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» كارخانىدىن 790ى يېتىشتۈرۈپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە فوشەننىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپ توپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ سانائەت ماشىنا ئادىمى قاتارلىق يېڭى ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن غايەت زور بازار ئېھتىياجى چىڭ تۇتۇلۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ئورۇنلاشتۇرمىسى تېزلىتىلدى. 2020-يىلى سانائەت ماشىنا ئادىمى، يۇقىرى تېخنىكىلىق رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك قاتارلىق سەككىز كەسىپ چۆرىدىلىپ، يادرولۇق تېخنىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، بارلىق كەسىپ زەنجىرىدە سودىگەر چاقىرىلدى. نۆۋەتتە، خەلقئارادا ماشىنا ئادەمنىڭ «تۆت چوڭ جەمەتى»، دۆلەت ئىچىدە ماشىنا ئادەم كەسپىدە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فوشەنگە ماكانلاشتى. بىر سانائەت ماشىنا ئادىمى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئېلىمىزنىڭ سانائەت ماشىنا ئادىمى يادرولۇق سىستېمىسىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، بۇ كارخانا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ماشىنا ئادەم كونترول قىلىش سىستېمىسى كۆلەملەشتۈرۈپ تۈركۈملەپ ئىشلىتىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىلغان سانائەت ماشىنا ئادىمىنىڭ يادرولۇق زاپچاسلىرىنى مۇستەقىل ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى%80 تىن ئاشتى.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش- فوشەننىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىدا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل ئىلگىرى سۈرمەكتە. 2020-يىلى فوشەننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، 2-كەسىپنىڭ پۈتۈن شەھەر ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %56كە، ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ كۆلەملەشكەن سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50گە يېتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈستۈنلىكى داۋاملىق قويۇپ بېرىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

【شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە】فوشەن شەھىرى ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلۇق يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، پۇختىلاش، سەرخىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.