ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-14 10:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ-«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي يۆتكىلىشى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەمدى «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋاملاشماقتا» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتەيلى ۋە ياخشىلايلى» دېگەن قىسمى.

يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش-دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇل تېشى. پارتىيەنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلى ۋە خىزمەت بىلەن قاپلاشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. 2017-يىلىدىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر كادىرنى تاللاپ، قىيىنچىلىقى بار كەنت، ئىقتىسادى ئاجىز كەنتلەرگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. تيەنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى ۋۇچىڭ رايونى دۇجاڭجۇاڭ بازىرى جۇلىيىڭ كەنتى، لەيجياجۇاڭ كەنتىدە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن 1-شۇجى فاڭ خەيبو مۇنداق دېدى: «پارتىيە قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق كەنتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، پارتىيە ياچېيكىسىنى پۇختىلاپ، كەنت ئىككى كومىتېت بەنزە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشكىل ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېڭى ئاجىز بولۇش، رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىق قاتارلىق پايدىسىز ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتتۇق. كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەنزە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئىچىدىكى ئاساسلىق يوللارغا سىنكۆز ئورنىتىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرى كاتەكچە باشلىقىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى كەنتتىن چىقارمايلا پەسەيتىمىز.

جايلار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېڭىشىش، مەسلىھەتلىشىش شەكلىنى بېيىتتى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياجيې شەھىرىدە، پارتىيەلىك كادىرلار مەجلىسخانىنى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاڭلاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ۋۇلىڭيۈەن رايونى خۇاڭلۇڭ يولى مەھەللىسى تيەنفۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ يىنپىڭ مۇنداق دېدى: رەھبەرلەر مەسىلىنى ئىنكاس قىلىش ئارقىلىق، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بەزىلەر كېلىپ مەسىلىنى ھەل قىلدى، ئارقىدىن يەنە بەزىلەر كېلىپ، سىزگە ھەل قىلىپ بەردىمۇ-يوق دەپ سورىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار يەنە نومۇر جەملەش تۈزۈمى، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. پىڭخۇ شەھىرى جېجياڭ ئۆلكىسىدە «پاي چېكى پايدىسىنى تەقسىملەش قوشۇلغان ياخشى ئىدارە قىلىش نومۇرىنى جەملەش»تىن ئىبارەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى تۇنجى بولۇپ بەرپا قىلدى. بۇ ئەندىزىدە، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ نومۇرىنى جەملەش، پاي سوممىسىغا قاراپ پايدا تەقسىم قىلىش بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تىنچ-ئامان مۇھىت بەرپا قىلىش، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىر-بىرىگە باغلاندى. پىڭخۇ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى سىياسەت ئىسلاھاتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خەيچى مۇنداق دېدى: بىز ياخشى ئىدارە قىلىش نومۇرىنى قوللىنىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۇنى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ پايدا تەقسىماتى بىلەن تۇتاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دېھقانلارنىڭ ئاز سوممىلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئىناۋەتلىك قەرزى، تەربىيەلەش، ساياھەت قاتارلىق پاراۋانلىق تەمىناتى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.

يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش-قانۇنچىل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 70 مىڭدىن ئارتۇق «قانۇنغا پىششىق ئادەم»نى تەربىيەلەپ، دېھقانلارنىڭ «قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش» ئېڭىنى كۈچەيتتى. نەنچاڭ ناھىيەسى شياڭتاڭ بازىرى جيەنشيا كەنتىدىكى «قانۇنغا پىششىق ئادەم» چى جىمىڭ مۇنداق دېدى: قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، پۇقرالارنى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشقا يېتەكلەش شۇنداقلا قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا دېھقانلار، يەر ماجىرالىرىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك قىلىش لازىم.

يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى باشلامچىلىق بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتە يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى تۈزۈمىنى ئورناتتى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ تيەنزو مۇنداق دېدى: بىز يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتا نومۇر جەملەش تۈزۈمىنى كېڭەيتىش، تەتبىقلاش تەجرىبىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق شۇنداقلا يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە تىپىك ئۆرنەكلەرنى تاللاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز، يەنە داۋاملىق تۈركۈمگە، ئاساسىي تېمىغا بۆلۈپ تىپىك ئۆرنەكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيمەكتە

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك،