ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-23 13:08

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى زەپەروف بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 29 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلاشتى ۋە ھەمكارلاشتى. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمدە بۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدۇ، ۋاكسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

زەپەروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى سەمىمىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ مەڭگۈ ئىشەنچلىك ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى.

قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، شىنجاڭ، تەيۋەن قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. قىرغىزىستان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، تۆمۈريول قاتارلىق چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا «داۋوس قارالمىسى» سۆزلىشىش يىغىنىدا كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى ۋە تەشەببۇسى ئىنتايىن مۇھىم، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئالاھىدە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىزىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. 

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 29 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.