ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكودىن ھال سورىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 09:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاپرېل ھىندونېزىيەدە تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيەدە تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىدىن چۆچۈپ خەۋەر تاپتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有