ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 10:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان ئىدىيەۋى-سىياسىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، «تۆتكە ئىگە» يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنى يېتىشتۈرۈش، «تۆتتە پولاتتەك» قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىسىم بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، بايراقنى يېتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا يولدا مېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىنى قايتا ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيە ئىدىيەسى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى، كۈچى، خىزمەت ھەرىكىتى ۋە تۈزۈم مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ يۆنىلىشى، تۈپ ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش نۇقتىسى، ھالقىلىق تىرىكى، ئۇسۇل يولى، مۇھىم كاپالىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ئارقىلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان جەڭگىۋار قوشۇننى چېنىقتۇرۇپ، ئىستىلى ياخشى پەرزەنت ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى ئېغىزدا ئەمەس ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، تەڭ تۇتۇپ تەڭ باشقۇرىدىغان ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «پىكىر» يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا بولغان يۇقىرى قاتلاملىق يېتەكچىلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش ئىرادىسى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارمىيەمىزنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى-سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.