ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنخۇي ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا، «يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«14-بەش يىل»غا يۈزلەنگەندە، ئەنخۇي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول ئاچتى.

سەھەردە، ئېكسپورت تاۋارلىرى لىق قاچىلانغان بىر يۈك پاراخوتى ئەنخۇي ۋۇخۇ پورتىنىڭ جۇجياچياۋ پىرىستانىدىن يولغا چىقىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەن ئېقىمغا قاراپ ماڭدى، پاراخوت شاڭخەي ياڭشەن پورتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ ماللار بىۋاسىتە يىراق ئوكيان يۈك پاراخوتىغا بېسىلىپ چېگرادىن چىقىدۇ. ۋۇخۇ پورت ئىشلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شۇ شۈنچۈەن خېرىدارلار ۋۇخۇدا بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىدۇ، شاڭخەي ياڭشەن پورتىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلۈپ، يولغا چىقىشقا ئىجازەت بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ تەننەرخى %40 تۆۋەنلەيدۇ دېدى.

تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشى يېقىندا يولغا قويۇلغان ۋۇخۇ پورتى بىلەن شاڭخەي پورتىنىڭ «بىرلىشىپ قوبۇل قىلىش ۋە چۈشۈرۈش»تىن ئىبارەت تاموژنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىدە، كارخانىلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تاموژنىغا مەلۇم قىلغان ماللار شاڭخەي پورتى، ۋۇخۇ پورتى ئارىسىدا بىۋاسىتە توشۇلۇپ، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروت يولى شەكىللەندۈرۈلدى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇللۇق پەن تەتقىقاتنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈردى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، دۆلەت ماس قەدەملىك رادىياتسىيە تەجرىبىخانىسىدا، خېفېينىڭ ئىلغار يورۇقلۇق مەنبەسىنى ئالدىن تەتقىق قىلىش تۈرى ھۈنەر-سەنئەت بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن رەسمىي ئۆتۈپ، كەلگۈسى تۆۋەن ئېنېرگىيە رايونىدىكى 4-ئەۋلاد ماس قەدەملىك رادىياتسىيە يورۇقلۇق مەنبەسى قۇرۇلۇشىغا پۇختا تېخنىكا ئاساسى سېلىپ بەردى. جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى دۆلەت ماس قەدەملىك رادىياتسىيە تەجرىبىخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى لياڭبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ھازىرقى دۆلەت ماس قەدەملىك رادىياتسىيە تەجرىبىخانىسىغا تايىنىپ، ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ 300دىن 400گىچە تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا جەلپ قىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ھاياتلىق، ئېنېرگىيە، مۇھىت، ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئاساسى ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتىغا زور دەرىجىدە تىرەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر ئالىملارنى خېفېيغا توپلىنىشقا جەلپ قىلىدۇ، بۇ-پۈتكۈل ئۇنىۋېرسال ئىلىم-پەن مەركىزى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن زور تىرەكلىك رول ئوينايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇينىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا، ۋېيلەي شىركىتىنىڭ 100 مىڭىنچى ئاپتوموبىلى جياڭخۈەي ۋېيلەي ئاپتوموبىلى خېفېي ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلدى. 2018-يىلى 5-ئايدا تۇنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتتىن چىققاندىن تارتىپ، جەمئىي 100 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ۋېيلەي ئاپتوموبىل شىركىتى 35 ئاي سەرپ قىلىپ، كەسىپتە يېڭى سۈرئەت ياراتتى. بۇ يەردە تەتقىق قىلىپ ياسالغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 580 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ-دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ، توسالغۇسىز تېز سۈرئەتتە ئادەم بىلەن ئاپتوموبىل ئۆز ئارا ئالمىشالايدۇ.

ھازىر ئەنخۇيغا ئاپتوموبىل كەسپىدىكى نۇرغۇن باشلامچى كارخانىلار توپلاشقان بولۇپ، ئاپتوموبىل-باتارېيە-ئېلېكتىر ماشىنىسى-توكلۇق كونترولدىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، كەلگۈسىدە 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كەسىپ توپى يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ۋېيلەي ئاپتوموبىلى خېفېي ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسىنىڭ باش دىرېكتورى گۇ شياڭلى مۇنداق دېدى: بۇ خېفېينى مەركەز قىلغان بولۇپ، پۈتكۈل ئەنخۇي ھەتتا چاڭجياڭ دېلتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز مۇشۇنداق نۇرغۇن مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرى ئۈستىدە كېڭەشتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

بۇلتۇر، ئەنخۇينىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە 8-ئورۇندا، ئوتتۇرا رايوندا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى لو پىڭ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل»غا يۈزلەنگەندە، ئەنخۇي ئاساسىي ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتنى يېتەكچى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئۆزلەشتۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىشچان ئۆلكە قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ. بىز «14-بەش يىل»دا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەسلى يېڭىلىق يارىتىش بۆشۈكى بەرپا قىلىپ، دىققەتنى يادرولۇق، ھالقىلىق تېخنىكىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېنېرگىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنخۇي ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى،