ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئو بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-08 10:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سېررالېئون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن سېررالېئون بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىدە باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئېبولا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئېغىر يۇقۇمغا دۇچ كەلگەن جىددىي پەيتتە ھامان قەتئىي بىر سەپتە تۇردى. ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي ئىشەنچنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت ياخشى قېرىنداش، ياخشى دوستلار. جۇڭگونىڭ سېررالېئونغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ۋاكسىنىسى سېررالېئوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تىزگىنلىشىدە ئىجابىي رول ئوينىدى، جۇڭگو سېررالېئون بىلەن بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سېررالېئوننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021-يىلى جۇڭگو-سېررالېئون ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيە ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر يىل. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو سېررالېئوننىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو سېررالېئون بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

بىئو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە سېررالېئون بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلىك، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگونىڭ سېررالېئوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئەمەلىي ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو سېررالېئون ۋە ئافرىقا خەلقىنىڭ ھەقىقىي، ئىشەنچلىك ياخشى دوستى.

سېررالېئون بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

سېررالېئون جۇڭگو بىلەن سېررالېئون-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، سەھىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئو بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئو بىلەن تېلېفونلاشتى.