بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ھەممىمىز قېرىنداش
باش شۇجى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گاڭچا ناھىيەسى شاليۇخې بازىرى گولوزاڭگوڭما كەنت ئېغىزىدا قىزغىن كەيپىيەتقا تولغان كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدى: بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ھەممىمىز قېرىنداش. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا يۈز يىل بولغان پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تېخىمۇ كۈچلۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئويۇشۇشى، كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەك.