ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-09 16:51

‍‍‍دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇن 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى-جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەشتىكى مۇھىم سۇپىسى. بۇ يىل 2-ئايدا، جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، مەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا، ئەمەلىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىشنى تەكىتلىدىم، بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن قىممىتى جەمئىي 170 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان تاۋار ئىمپورت قىلىش، كەلگۈسى بەش يىلدا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت سوممىسىنى بىر قاتلاشنى قولغا كەلتۈرۈش، نىڭبو قاتارلىق جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى-جۇڭگو بازىرىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا تاۋارلىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شۇنداقلا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشىگە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن خىرىسنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق. مەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى 8-ئىيۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدە باشلاندى، «يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىپ، يېڭى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىش»-كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. كۆرگەزمىنى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى ۋە كارخانىلىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى تەبرىكلىدى

‍‍‍دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇن 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.