«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شاڭخەيدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى» ناملىق سۆزلىشىش يىغىنى ئېچىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى-شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شاڭخەيدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىلىشى» ناملىق ئالاھىدە سۆزلىشىش يىغىنى 16-ئىيۇن شاڭخەيدە ئېچىلدى. «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۆجىزىگە گۇۋاھ بولۇش» سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، شاڭخەينىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان جايدىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى بازىسىغىچە بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق، دۇنياغا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگونى يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى. 100 گە يېقىن دۆلەت، 126 پارتىيە ۋە دوستلۇق تەشكىلاتىدىكى 740 نەچچە ۋەكىل ۋىدېيو ئارقىلىق سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى، 40 نەچچە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى.