ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلەربىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش نەتىجىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-18 16:02

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا ۋىدېيو ئارقىلىق قاتناشقاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تاراتقۇلارغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

    مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئاچقان بىر قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى. بۇ بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە رەئىس شى جىنپىڭ قاتناشقان بىر قېتىملىق مۇھىم كۆپ تەرەپلىك رەھبەرلەر يىغىنى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنياغا يۈزلەنگەن بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئالاھىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قايتىلىنىۋاتىدۇ، ۋىرۇس كۆپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز  بولۇۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە ھەمكارلىقنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

    مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، «ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يېتەكچىلىك قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى يېڭى تەپەككۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

    بىرىنچى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى شەرھلىنىپ، خەلقئارا تونۇش، ئېتىراپ قىلىش كېڭەيتىلىپ، كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىگە جۇڭگونىڭ ئاكتىپ كۈچى قوشۇلدى.

    ئىككىنچى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى تەشەببۇس قىلىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان رەھبەرلەر خىتابنامىسىدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت تەشەببۇسى تولۇق نامايان قىلىندى.

    ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىندى. ئەمەلىيەت جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ يۇقۇمغا  تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان مۇستەھكەم تۈۋرۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

    تۆتىنچى، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى «تۈگۈن»نى توغرا ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    بەشىنچى، دىققەت ئەمەلىي ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كۈچى پائال قوشۇلدى.

    رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قوللاش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ تەشەببۇسلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلەربىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش نەتىجىسى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا ۋىدېيو ئارقىلىق قاتناشقاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تاراتقۇلارغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.