ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-23 09:36

جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى.

يېقىندا خېنەندە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، جېڭجۇدا ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، پۈتۈن شەھەردىكى 473 مەھەللە تەسىرگە ئۇچرىدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى جېڭجۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەڭ دەسلەپ بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، 3643 جىددىي رېمونت قىلىش خادىمى زىيانغا ئۇچرىغان توك بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنى كېچە ـ كۈندۈز دېمەي رېمونت قىلىپ، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى شەھەر رايونىنى توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشتى.

خېنەننىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان گۇڭيى شەھىرىنىڭ مىخې بازىرىدا 7-ئاينىڭ 23-كۈنى پۈتۈن ناھىيەنىڭ %50 توكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم سۇنى ئۈچ كۈن ئەتراپىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرلەندى.
شەھەر قاتنىشىمۇ تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە. 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، جېڭجۇدىكى ھەر قايسى ئاپتوموبىل بېكەتلىرى خېنەننىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى لىنىيەلەردە قاتناشنى توختاتقاندىن باشقا، قالغان لىنىيەلەردىكى نۆۋەتچى پويىزلار تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

جېڭجۇدا مىترو قاتنىشىمۇ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تىجارەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

تۆمۈر يول تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تىرانسپورت تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى. نۆۋەتتە، جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى بېيجىڭ-گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، جېڭجۇدىن شەرققە قاتنايدىغان جېڭجۇ ـ شۈجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بىخەتەر، راۋان بولۇپ، پويىزلارنىڭ يۈرۈشى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، خېبېي، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى خېنەنگە جىددىي ياردەم بەردى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شەنشى ئۆلكىلىك ئېلېكتىر شىركىتى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خېنەنگە ياردەم بېرىش زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇپ، توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ جېڭجۇغا باردى. سىچۈەن ئۆلكىلىك قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى توپلىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئائىلە كاپالەت سومكىسى قاتارلىقلار خېنەننىڭ لوياڭغا يەتكۈزۈلدى ھەمدە ماددىي ئەشيا تارقىتىلدى.

قاتتىق يامغۇر 7-ئاينىڭ 22-كۈنى يەنە خېبېيغا ھۇجۇم قىلدى، بۇ جاي 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە ئاممىنى جىددىي يۆتكىدى.




中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى