ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-09 16:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى تەشكىللەپ تۈزگەن ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك «شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب ئالىي مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بىر قاتار دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

«ئومۇمىي بايان» «كىرىش سۆز+ئۈچ قىسىم»دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەمئىي 20 باب، خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 270 مىڭ خەتكە يېقىنلىشىدۇ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، مۇھىم ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئىلمىي ئۇسۇلى، ئەمەلىي تەلىپى شەرھلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى ئىكەنلىكى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

«ئومۇمىي بايان»دا ئەسلىي ئەسەر، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي مەنىگە سادىق بولۇش، ئىلمىي نەزەرىيەۋى شەرھلەش، ئىلمىي ئىپادىلەش، سىستېمىلىق بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك. 


中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى تەشكىللەپ تۈزگەن ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك