ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-09 16:46

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن ئالاھىدە ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت گېنى بىلەن تومۇرداش، ئۇ-ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئۇنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

بىر يىلدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتا يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەر شارى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كۈچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلىمىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر يىغىنچاقلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئېغىر يۇقۇم بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش جەريانىدا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەشكە جۈرئەت قىلىش، غەلىبىگە جۈرئەت قىلىشتەك قورقماس جاسارىتى بىلەن، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

بىر يىلدىن بۇيان، يەر شارىدا يۇقۇم قايتا-قايتا پەيدا بولۇپ، ۋىروستا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. جايلار كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملىدى.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت ئالتە يېرىمدىن باشلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ شەھىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوتتۇرھال خېيىم-خەتەر رايونى بولغان شۇشىخۇ فۇيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى، ئارقىدىن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە باھالاپ ھۆكۈم قىلىشى ئارقىلىق، 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ تۆۋەن خېيىم-خەتەر رايونىغا تەڭشەلدى. بۇنىڭ بىلەن، ياڭجۇ شەھىرىدىكى ئوتتۇرھال خېيىم-خەتەر رايونلىرى تولۇق تۈگىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلار بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشاڭلىق روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، «سىرتتىن كىرىش، ئىچىدە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نىڭ مۇستەھكەم توسۇقىنى پۇختىلىدى.

جېجياڭ خاڭجۇ شياۋشەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خاڭجۇ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بويىچە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى قانات يايدۇردى.

جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارى ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئىلمىي ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يەر شارىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس لۇ دۇڭمېي-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەسلىنىش ۋە خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىك تېببىي مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى. بۇلتۇر 3-ئايدا، ئۇ جۇڭگو پاكىستاننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە پاكىستانغا بارغان.

ۋاكسىنا-يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى كۈچلۈك قورال. بۇ يىل پۈتۈن يىلدا، جۇڭگو يەر شارىنى ئىككى مىليارد تال ۋاكسىنا بىلەن تىرىشىپ تەمىنلەپ، «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا تەقسىملەشكە ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل