ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 09:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پورتۇگالىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سامپايونىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 12-سېنتەبىر پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسوساغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سامپايو ئەپەندى-پورتۇگالىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى ۋە رەھبىرى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، ئاۋمېن ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يەنىلا جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىگە ئۇزاق مۇددەت كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى قوللىغان ئىدى. مەن جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有