ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 15:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-سېنتەبىر مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېزغا تېلېگرامما يوللاپ، مېكسىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مېكسىكا-ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇھىم دۆلەت. تەرەققىيات مۇساپىسىدە، مېكسىكا خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. نۆۋەتتە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى يېڭى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، جۇڭگو دۆلىتىڭلارنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مېكسىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن مېكسىكا جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى يۈكسەلدۈردى. مەن جۇڭگو-مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-سېنتەبىر مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېزغا تېلېگرامما يوللاپ، مېكسىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.