ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگونىڭ كۈنمىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ۋىدېيولۇق باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

خەن جېڭ مۇنداق دېدى: يەر شارى بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جان تومۇرى ۋە ئاساسى. نۆۋەتتە، بىز جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز. بىزنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىردىنبىر يەر شارى ماكانىمىزنى ياخشى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەڭ زور سىياسىي ئىرادە بىلەن، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى دۇچ كەلگەن غايەت زور خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تۈزەش يېڭى مۇساپىسىنى بىرلىكتە باشلاپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئەمەلىي، كۈچلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى پائال ئۈستىگە ئېلىپ، يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تۈزەش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگونىڭ كۈنمىڭدا ئۆتكۈزۈلدى