ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ فۇمىئو كىشىدانى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 17:26

 

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، فۇمىئو كىشىدانىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، لى كېچياڭ فۇمىئو كىشىدانى تەبرىكلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى فۇمىئو كىشىداغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە يېقىن قوشنىلار، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما يوللاپ، فۇمىئو كىشىدانىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئورتاق تونۇشنى قوغداپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ فۇمىئو كىشىدانى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، فۇمىئو كىشىدانىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، لى كېچياڭ فۇمىئو كىشىدانى تەبرىكلىدى