ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-16 18:03

 

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىمۇ يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى چوڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان كۈچ، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، بۇ جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئۆزئارا توغرا چۈشىنىپ، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشتا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يېشىل، رەقەملىك ساھەلەردىكى سىياسەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى پائال جىپسىلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا بىرلىكتە ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىمايدۇ، بەزى رىقابەت، ئىختىلاپ، پەرقلەرنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، بۇنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەمىمىيىتىدە بولۇپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، جۇڭگو بىلەن تەڭ تىرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئالغا راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 مىچېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇتتى. گەرچە ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ياۋروپا بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ھەمكارلىشىشى كېرەك. ياۋروپا-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش-ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ياۋروپا جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە سۆزلىشىش، ئۇچرىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق تىزگىنلەشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى سىياسىتىنى ئەزەلدىن ئۆزگەرتمىدى. ياۋروپا ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ياۋروپا جۇڭگو بىلەن يېشىل ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسى توغرىسىدا ئالاقە، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ھەمدە مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە قويۇق ئالاقە قىلىش، ماسلىشىشنى خالايدۇ.

مىچېل ياۋروپانىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان يولى ۋە تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ئافغانىستان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىزچىل ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاننى تىنچ قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن تېلېفونلاشتى.