ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-16 18:04

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور يېقىن قوشنا ۋە ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئالاقە داۋامىدا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلدى. ھازىر، جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ يېڭى تېمىغا ئورتاق جاۋاب بېرىپ، داۋاملىق خەلق رازى بولغۇدەك نەتىجە يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ۋاكسىنا، دورا تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى يۈكسەكلىكى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. سىنگاپورنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر نۇرغۇن زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قارالمىدا جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ ئىدىيەسى ئوخشاش، مەنپەئەتى بىر-بىرىگە باغلانغان، جۇڭگو سىنگاپور بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ ئۆز قەرەلىدە كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، جۇڭگو سىنگاپور ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

لى شيەنلۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ سىنگاپور-جۇڭگو مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، سىنگاپور بىلەن جۇڭگو زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ۋە قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سىنگاپور جۇڭگو بىلەن خادىملار ئالاقىسىنى ساقلاپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، يېشىل پۇل مۇئامىلە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىنگاپور جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. سىنگاپور جۇڭگونىڭ «تىنچ ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش كېلىشىمى»گە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ ۋە قوللايدۇ، بۇ رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.