ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-16 18:06

 

شى جىنپىڭ 130-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى  يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ10-ئاينىڭ 14-كۈنى 130-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى  يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن 65 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا سودىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىچكى-تاشقى ئالاقىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋە  ئەسىر  يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، دۇنيا ئىقتىساد -سودىسى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. گۇاڭجۇ  يەرمەنكىسى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش، خەلقئارا سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلىنىشى كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

130-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى شۇ كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە باشلاندى، «دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىندى، سودا مىنىستىرلىقى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ 130-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى