ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا باش مەقسەت سۆزى قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-16 18:06

 

شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەت سۆزى قىلدى 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ئۆكتەبىر كەچتە 2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋىدېيولۇق قاتناشتى ھەمدە «دۇنيا بىلەن دوست بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت  سۆزى  قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قاتناش ئىقتىسادنىڭ تومۇرى ۋە مەدەنىيەتنىڭ تۈگۈنى. قەدىمىي يىپەك يولىدىكى تۆگە قوڭغۇرىقى ساداسىدىن دېڭىز قاتنىشى دەۋرىنىڭ دولقۇنىغىچە، يەنە زامانىۋى قاتناش تورىنىڭ تەرەپ-تەرەپكە تۇتىشىشىغىچە، قاتناش ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى زىچ باغلانغان «يەر شارى كەنتى»گە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋە   يۇقۇم ئەھۋالى گىرەلىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلدى. بىز دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، يەر شارى قاتناش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودا سېلىنمىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى: ئېچىۋېتىش، ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەمسىتىش خاراكتېرلىك، يەكلەش خاراكتېرلىك قائىدە ۋە سىستېما بىلەن شۇغۇللانماي، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق بىرلەشتۈرۈش»، تۈزۈم- قائىدىلەرنى «يۇمشاق بىرلەشتۈرۈش» نى كۈچەيتىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئالەم، تور «تۆت بىر گەۋدە» لىك ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى: ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تەرەققىي قىلغانلىق بولىدۇ، كۆپچىلىك ئورتاق بېيىغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي بېيىغانلىق بولىدۇ. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئاچقىلى بولىدۇ. قاتناشنىڭ ئالدىن يولغا قويۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ قاتناش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، خەلق تۇرمۇشىنى يول ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش كېرەك.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۆپ قوللاپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەقلى قاتناش ۋە ئەقلى ئەشيا ئوبوروتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون-بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قاتناش ساھەسى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنى ئۆز يولىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى: ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرى. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش - تىرانسپورت ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، قاتناش جابدۇقلىرىنى يېنىكلەشتۈرۈشنى كېڭەيتىپ، يېشىل سەپەرگە چىقىشقا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، قاتناشنى تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان، سىرتقا چىقىشىنى تېخىمۇ تۆۋەن كاربونلۇق قىلىش كېرەك.

بەشىنچى: كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى بايلىقنى سەپەرۋەر قىلىپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نامراتلىقنى ئازايتىش، سەھىيە، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر تاغقا يولۇقسا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇقسا كۆۋرۈك سېلىپ، قاتناش چوڭ دۆلىتى قۇرۇپ چىقتى، ھەمدە قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. بىز قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى، دۇنيا دەرىجىلىك پورت توپىنى بەرپا قىلىپ، ئاۋىياتسىيە، دېڭىز قاتنىشىنى پۈتۈن دۇنياغا تۇتاشتۇردۇق. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، چوڭ ئايروپىلان قاتارلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قاتناش قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قاتناش جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى ئاۋانگارتىغا ئايلاندى. بىز قاتناشنى پۈتۈن دۇنياغا تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا بويىچە دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ ئۇلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، مال سودا سوممىسى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇق. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، يىراق ئوكيان يۈك پاراخوتى كېچە-كۈندۈز موكىدەك ئۆتۈشۈپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىك بايراقنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا بىلەن دوست بولۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ، مەڭگۈ تاقالمايدۇ. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل يىپەك يولى ۋە رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو جۇڭگو خەلقئارا ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم مەركىزى قۇرۇپ، يەر شارى قاتناش تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز قول تۇتۇشۇپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك توغرا يولدا مېڭىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولايلى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

2ـ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنى 10-ئاينىڭ 14ـ كۈنىدىن 16ـ كۈنىگىچە توردا ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممەدوف، ئېفىيوپىيە زۇڭتۇڭى ساخېلى ۋورىك، پاناما زۇڭتۇڭى كورتىسو، گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ  باش كاتىپى گۇتېررېس قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى.

171 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا باش مەقسەت سۆزى قىلدى

شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش