ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-21 17:23

 

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى ھەمدە ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە توپلاپ، تور گۈزەل مەنىۋى ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشنى تەكىتلىدى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر ساھە ئەربابلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور مەدەنىيلىكى يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ساھەسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئىنتېرنېت مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. تەرەققىيات بىلەن تۈزەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تور بىلەن تور سىرتىنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تور سۇپىسى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، تور ئەھلى قاتارلىقلار ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تورنى مەدەنىي باشقۇرۇش، تورنى مەدەنىي ئىشلىتىش، تورغا مەدەنىي چىقىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر يېڭى ئىستىلى ئارقىلىق تور بوشلۇقىنى يارىتىپ ۋە ساپلاشتۇرۇپ، تور گۈزەل مەنىۋى ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەربىيەلەشنى ئاساس، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتىلدۈرۈشنى ئاچقۇچ، تورنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كاپالەت، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى نىشان قىلىپ، توردا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مەدەنىي كەيپىيات يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ ئوچۇق تور بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، كەڭ تور ئەھلى، بولۇپمۇ ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئەخلاق ـ پەزىلىتى ۋە تور ساپاسىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

«ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ تور مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش»-تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، بۇ قېتىمقى يىغىننى مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئىنتېرنېت كارخانىلىرى ۋە تور ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە تور ئەھلى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى.