ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-23 17:39

 

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جايلاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى 

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى جايلاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ ي‍‍يۇقىرى ھەمكارلىق سەۋىيەسى، تېخىمۇ يۇقىرى سېلىنما ئ‍‍ۈنۈمى، تېخىمۇ يۇقىرى تەمىنلەش سۈپىتى، تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات ئەۋرىشىملىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش لازىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ئۆزگەرگىنى يوق، ئىقتىسادنىڭ  يەر شارىلىشىش چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرگىنى يوق، خەلقئارا ئەندىزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيە ۋەزىيىتى بىزگە پايدىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا يەنىلا مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ چىڭشېڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە «قاتتىق دېتال» ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولى ۋە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېز بەرپا قىلىش، قائىدە ۋە ئۆلچەمدىكى «يۇمشاق دېتال» ئالاقىسىدا، خەلقئارا ھەمكارلىققا يۈزلەنگەن تۈزۈمدە تېزدىن يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ ۋە پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى يېڭى كۈچەش نۇقتىسىغا قارىتىپ، يېڭى بىرىكىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. چۇڭچىڭ گويۈەن پورتى «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان. چۇڭچىڭ «گويۈەن» پورتى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالغا تۇتاشتۇرۇلغان، سۇ يولى، تۆمۈر يول، تاشيول، ئاۋىياتسىيەدىن ئىبارەت كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت قولايلىق بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇق خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ۋە پورت يېڭى ئېگىزلىكىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودىنىڭ تەكشى، تەڭ پايدا ئېلىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. گەنجۇ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو يۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاساسنى پۇختىلاش، كەسىپنى يېتىلدۈرۈش، ئىقتىدارنى كۈچەيتىش تەلىپى بويىچە، ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى، تەرەققىيات ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

خېفېي خەلقئارا ئىچكى قۇرۇقلۇق پورتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى زاكاز قىلىنىدىغان نۆۋەتچى پويىزنى ئالاھىدىلىك قىلىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ پەرقلىق تەرەققىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز. 

جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي لىنىيەسى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلىنىدۇ. يۈننەن موخەن چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى تۆمۈر يول چېگرا ئېغىزىنىڭ خەلق ساقچىسى فاڭ تىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى موخەن چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان خادىملارنى باشقۇرۇش ساقچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭگو-لائوس ئالاقىسىنىڭ راۋانلىقىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنى پۇختىلايمىز. قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، چېگرادىن قانۇنسىز كىرىپ چىقىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى