شى جىنپىڭ دۇنيا تاراتقۇ باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-نويابىر 4-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇ باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-نويابىر 4-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇ باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقىلىشى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتمەكتە، خەلقئارا ئەندىزىدىكى ئۆزگىرىش چوڭقۇر، مۇرەككەپ بولماقتا. دەۋر تېمىسىغا قانداق توغرا جاۋاب بېرىپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتە، تاراتقۇلار مۇھىم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ تارقاتقۇچىلىرىدىن، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
4-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇ باشلىقلار يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى، «يۇقۇمنىڭ زەربىسىدىكى تاراتقۇ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» باش تېما قىلىندى، يىغىننى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيۇشتۇردى.