شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
شى جىنپىڭ رۇسىيەدە كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدە كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن26-نويابىر رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى. شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ كېمېروۋو ئوبلاستى بېلوۋو شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كاندا گاز پارتلاپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىدىن چۆچۈپ خەۋەر تاپتىم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.